بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس
Appearance
بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس ياكى مۇتتەفەقۇن ئەلەيھى ھەدىس (متّفق عليه): بىر ھەدىسنىڭ ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىملارنىڭ «سەھىھەين» دەپ ئاتالغان «ئەلجامىئۇسسەھىھ» ۋە «ئەلمۇسنەدۇسسەھىھ»لىرىنىڭ ئىككىلىسىدەئورۇن ئالغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇدۇر. «سەھىھەين» بارلىق ئالىملار تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنىدۇ. ئىمام بۇخارىي ۋە ئىمام مۇسلىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەنلىكى بارلىق ھەدىسشۇناسلارنىڭ بىرلىككە كەلگىنىگە ئوخشاش دەپ قارىلىپ، مەزكۇر ئاتالغۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىسلامىي ئاتالغۇلار | |
---|---|
ھالال ۋە ھارام | ھالال - ھارام - مەكرۇھ |
ھەدىس ئىلمى | ھەدىس قۇدۇسىي - مۇتەۋاتىر ھەدىس - سەھىھ ھەدىس - ھەسەن ھەدىس - زەئىف ھەدىس - بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس - مۇرسەل ھەدىس - راۋىي - ئىسناد - سەنەد - تەخرىج - مەرفۇﺋ - مەۋقۇف |
فىقھ | پەرز - پەرز ئەين - پەرز كۇپايە - ۋاجىپ - سۈننەت - مۇستەھەب - مۇباھ - نەفلە - جائىز - ئىجماﺋ - قىياس - تەرجىھ |
قۇرئان كەرىم - ھەدىس شەرىڧ - فىقھ |